| |
| شىركىتىمىز 2009-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنىدا قۇرۇلغان بۇلۇپ شىركىتىمىزنىڭ تۇلۇق نامى شىنجاڭ كۆك ياقۇت خەلقئاراسودا چەكلىك شىركىتى . |
| ماتېريال رەسىملـــــەر |
|
|
|
شىركىتىمىزنىڭ تىجارەت دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ .
شىركىتىمىز ئاساسلىقى ئىككى چوڭ سودا تۈرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
1. تور سودىسى .
ئاساسلىقى سودىگەر ،زاۋۇت ،كارخانىلارغا توردا دۇكان ئىچىپ بىرىش ،تور ئارقىلىق ۋاكالەتچى، خىرىدار چاقىرىش.
2. IT سودىسى ۋە مۇلازىمىتى
ئاساسلىقى كومپىيوتېر ،كومپىيوتېر ئۈسكىنىلىرى ،پېرېنتېر،داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلار ۋە يۇقىرى پەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى تور ئارقىلىق توپ ۋە پارچە سېتىش،رىمونت قىلىش.
شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ ئىككى چوڭ سودا تۈرىدە ئازبولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.شىركىتىمىز ئىككى يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ كۈچلىك تېخنىك خدادىملار قۇشۇنىغا ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق باشقۇرغۇچى خادىملارقۇشۇنىغا ئىگە بولغان IT ساھاسىدىكى مىللى كارخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۈچلىك زامانىۋى كارخانا گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. ھەمدە يەنىمۇ ئېلگىرلىگەن ئاساستا پۈتۈن شىنجاڭدا IT ساھاسىدە خەلقىمىز پەخىرلەنگۈدەك سودىسى ۋە مۇلازىمىتى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان IT سودا ۋە مۇلازىمەت كارخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شىركىتىمىزدىكى خادىملار كىچە كۈندۈز جاپالىق خىزمەت قىلماقتا .
شىركىتىمىز خىرىدارلارنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بىرىۋاتقان ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ خىرىدارلارغا يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ،شىركىتىمىزنىڭ كەسىپ تۈرلىرىنى كەڭ كۈلەمدە قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تارماق شىركەت ۋە مۇلازىمەت نوقتىلىرىنى قۇرۋاتىدۇ.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بىلەن ھەمكالىشىشنى ،بىز بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىشنى خالايدىغان جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈڭۈل بۈلىدىغان كىشىلىرىمىزنى بىز بىلەن ھەمكارلىشىشكا،سودا شىررىكلىرىمىز بۇلۇشقا چاقىرىمىز.ھەمدە بىرلىكتە ئورتاق تەرەققى قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ھەمكارلىق ،تىرىشچانلىق،ئېزدىنىش،يىڭىلىق يارتىش بولمايدىكەن تەرەققىيات بولمايدۇ.
قىنى بىرلىكتە تىرشايلى ،ئىزدىنەيلى ،يىڭىلىق يارتايلى!
شىركىتىمىزدە سىتىلىدىغان كومپىيوتېر ،كومپىيوتېر ئۈسكىنىلىرى بىۋاستە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يەنى شېنجېن ،گۇاڭجۇ،شاڭخەي ،قاتارلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى چوڭ سانائەت شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلاردىن كەلتۈرلىدىغان بولغاچقا مال باھاسى ئىنتايىن تۈۋەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە پايدىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋاكالەتچىلىرىمىزگە ئۈتۈنۈپ بىرىدىغان بولغاچقا پايدا نىسبىتى يۇقىرى ، ئاز مەبلەغ بىلەن ناھايىتى تىزلا ئېگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ.شۇنداقلا نۇرغۇن يىڭىلىقلار بىلەن ئۇچراشقىلى بولىدۇ،شىركىتىمىز ۋاكالەتچىلەرنى تىخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە قەرەللىك تەربىيەلەش ئىلىپ بارىدۇ،قەرەللىك يىغىلىش ئىلىپ بىرىپ خىزمەت تەجىربىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، كوللىكتىپ ساياھەتلەرگە تەشكىللەيدۇ.
شىركىتىمىز تەشۋىقات ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان بۇلۇپ تارماق شىركەت ۋە مۇلازىمەت نوقتىلىرىغا كىتەرلىك تەشۋىق ۋاراقچىلىرى ،ئىسىم كارتىسى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تور ،تېلۋىزىيە ،رادىئو ،گىزىت قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق بىر تۇتاش تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ.
تېخنىكا جەھەتتە يىتەكلەيدۇ ،مەسلىھەت بىرىدۇ ھەمدە قەرەللىك تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ
شىركىتىمىز ۋاكالەتچىلەرنى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن 3 خىل شەكىلدە قۇبۇل قىلىدۇ.
1. ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋاكالەتچى
ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئۈچۈن 50000 يۈەن تاپشۇرىدۇ 50000 يۈەن قىممىتىدە مال كىرگۈزىدۇ.
شىركىتىمىز ۋىلايەت دەرىجىلىك تارماق شىركەتكە ئۈچ نەپەر ئادىمىنى ئۈچ ئايغىچە ياتاق تاماق خىراجىتىنى كۈتۈرۈپ تىخنىكا ،باشقۇرۇش ،سېتىش بۇيچە تەربىيەلەپ بىرىدۇ.ھەمدە داۋاملىق تېخنىكا سېتىش جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
ھەر يىلى يەرلىكتە 30000 يۈەن قىممىتىدە يەرلىك ئېلان تەشۋىقات خىراجىتىنى كۈتۈرۈپ بىرىدۇ.
شىركەت رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بىرىدۇ.
قانۇنى سالاھىتى «شىنجاڭ كۆك ياقۇت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى XXX ۋىلايەتلىك تارماق شىركىتى »بولىدۇ.
ئۆز ۋىلايىتى دائىرىسىدە تارماق شىركەت ۋە مۇلازىمەت نوقتىلىرىنى قۇرۇش سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ.
2. شەھەر دەرىجىلىك تارماق شىركەت
ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئۈچۈن 10000 يۈەن تاپشۇرىدۇ 20000 يۈەن قىممىتىدە مال كىرگۈزىدۇ
شىركىتىمىز شەھەر دەرىجىلىك تارماق شىر كەتتىن بىر نەپەر ئادەمنى بىر ئايغىچە ياتاق تاماق خىراجىتىنى كۈتۈرۈپ تىخنىكا ،باشقۇرۇش ،سېتىش بۇيچە تەربىيەلەپ بىرىدۇ. ھەمدە داۋاملىق تېخنىكا سېتىش جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
ھەر يىلى يەرلىكتە 5000 يۈەن قىممىتىدە ئېلان تەشۋىقات خىراجىتىنى كۈتۈرۈپ بىرىدۇ.
شىركەت رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بىرىدۇ.
قانۇنى سالاھىتى«شىنجاڭ كۆك ياقۇت خلقئاراسودا چەكلىك شىركىتى XXX شەھەرلىك ياكى ناھىيەلىك تارماق شىركىتى بولىدۇ.
ئۆز شەھىرى ياكى ناھىيە تەۋەسىدە بىر تارماق شىركەت بىر قانچە مۇلازىمەت نوقتىسى قۇرۇش سالاھىدىگە ئېگە.
3. كۆك ياقۇت شىركىتى مۇلازىمەت نوقتىسى
ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئۈچۈن 5000 يۈەن تاپشۇرىدۇ 15000 يۈەن قىممىتىدە مال كىرگۈزىدۇ
شىركىتىمىزمۇلازىمەت نوقتىسى قۇرغۇچىنىڭ بىر نەپەر ئادەمنى بىر ئايغىچە ياتاق تاماق خىراجىتىنى كۈتۈرۈپ تىخنىكا ،باشقۇرۇش ،سېتىش بۇيچە تەربىيەلەپ بىرىدۇ. ھەمدە داۋاملىق تېخنىكا سېتىش جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
ھەر يىلى يەرلىكتە 3000 يۈەن قىممىتىدە ئېلان تەشۋىقات خىراجىتىنى كۈتۈرۈپ بىرىدۇ.
يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆزى بىجىرىدۇ
قانۇنى سالاھىتى بولمايدۇ. نامى كۆك ياقۇت IT سودا ۋە مۇلازىمەت مەركىزى بولىدۇ
ئۆز شەھىرى ياكى ناھىيە تەۋەسىدە بىر مۇلازىمەت نوقتىسى قۇرۇش سالاھىدىگە ئېگە.
تەپسىلى ئەھۋاللارنى شىركىتىمىز قىززىق لىنىيە تېلفۇنىغا تېلفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
تارماق شىركەتتىن كۆرنۇش رەسىم
قىززىق لىنىيە تېلفۇنى: 2579780-0991 2777177-0991 |
| |
|
|